Hapta Nahxisi 作词 : Abduxkur Omar 作曲 : Abduxkur Omar 编曲 : Abduxkur Omar ئىزلىرىڭدىن ئىزلىدىم ماڭغان يولۇڭنى ئاختۇرۇپ سەن كىلىپ كۆڭلۈمنى بىر ئالمىدىڭ سەيشەنبىمۇ شۇنچە كۈتتۈم تەلمۈرۈپ كەلمىدىڭ دۈشەنبىمۇ ئىزلىرىڭدىن ئىزلىدىم ماڭغان يولۇڭنى ئاختۇرۇپ سەن كىلىپ كۆڭلۈمنى بىر ئالمىدىڭ سەيشەنبىمۇ ياكى يار يادىڭدا يوقمۇ ماڭا ۋەدە بەرگىنىڭ شۇ ۋىسالنىڭ سازىنى چالمىدىڭ چارشەنبىمۇ ياكى يار يادىڭدا يوقمۇ ماڭا ۋەدە بەرگىنىڭ شۇ ۋىسالنىڭ سازىنى چالمىدىڭ چارشەنبىمۇ كۈندە ھىجران ۋەجىدىن يۈرسەم ھەريان ئاھ ئۇرۇپ سەن كىلىپ كۆڭۈلۈمنى بىر ئالمىدىڭ پەيشەنبىمۇ كۈندە ھىجران ۋەجىدىن يۈرسەم ھەريان ئاھ ئۇرۇپ سەن كىلىپ كۆڭۈلۈمنى بىر ئالمىدىڭ پەيشەنبىمۇ نە قىلاي كۈتتۈم جۈمە كەتتى بىكاغا كۈتكۈنۈم ھەسرىتىڭدىن ياندى ئوت كەلمىدىڭ يار شەنبىمۇ مەن بارارمەن ئاخىرى ئايلىنىپ مەلەڭ تامان ئەي نىگارىم سەن ئەگەر چىقمىساڭ يەكشەنبىمۇ مەن بارارمەن ئاخىرى ئايلىنىپ مەلەڭ تامان ئەي نىگارىم سەن ئەگەر چىقمىساڭ يەكشەنبىمۇ ئەي نىگارىم سەن ئەگەر چىقمىساڭ يەكشەنبىمۇ