Ana 作词 : Qimangul Awut 作曲 : Jurat Tursun ئانا دىسەم ئېچىلدى گۈللەر ، ئانا دىسەم يورىدى تۈنلەر . پارە - پارە كۈنلىرىڭ ئۈچۈن ، ياقا يىرتىپ بۇلبۇلۇڭ ئۈنلەر . سەن سۆيگەن ۋىسال باغىنى ، سەن كۆتۈرگەن جاپا تاغىنى . مەن تۆت كۈنمۇ كۆتۈرەلمىدىم ، نىمە دەرمەن ھەسرەت داغىنى . يوللىرىڭغا تۆكەي يېشىمنى ، ئەجرىڭ ئۈچۈن ئىگەي بېشىمنى . مەن ۋاپادار بولالماي قالسام ، زەھەر دىگىن يىگەن ئېشىمنى . جېنىم ئانا جان جاھانىم ، جان جىگەرىم باغۇ بوستانىم . بىلىنمىسۇن دىلدىكى ياراڭ ، يالغۇز قۇشۇڭمەن ئۆزۈڭ ئاسمانىم .