[00:00.000] 作词 : Rejez [00:01.000] 作曲 : internet [00:09.78] [00:11.70]پۇچۇلغان كۆڭلۈمنى دەپ بولسىمۇ ھەم ياقامدىن تاتما ھېي [00:13.96] [00:15.09]ماغدۇرسىز پۇتۇمدىن ئەيمىنىپ بولسىمۇ ئۆزۈڭنىڭ ئېغىرىنى ئاتما ھېي [00:18.81]قۇلۇقۇم خېلىدىن بېرى ئاغرىق شۇڭا بايانغا زەھەرنى قاتما ھېي [00:22.74]بۇرۇنقىدەك بەك نەرقىم قالـمىدى ئۆتۈنەي ياتلارغا ساتما ھېي [00:27.06]بىلسەڭ بۇ ئالەم بۇ، 4 كۈنچە، ساناقلىق مۇراتقا يەتكەنلەرمۇ [00:29.96] [00:30.81]بىلسەڭ بۇ ئالەم بۇ، 4كۈنچە، ساناقسىز كۆمۈلۈپ كەتكەنلەرمۇ [00:34.81]بىلسەڭ بۇ ئالەم بۇ، 4 كۈنچە، سۇندى ئالتۇن دەستە كەتمەنلەرمۇ [00:38.58]بىلسەڭ بۇ ئالەم بۇ، 4 كۈنچە، تۈگىدى دەرتسىز دەردمەنلەرمۇ [00:42.61]شۇنداق ئۇنداق-بۇنداق بەك كۆپ كىشىلە [00:45.47]دەيدۇ ئۆز تەقدىرىڭگە ئىشلە [00:47.26]مەيلى دېگىن ھوزۇر ئارىلاش كىشنە [00:49.14]گېپىمنى بىر چۈشىنە [00:50.75]ماڭا بىر ئىشىنە [00:51.76]بولدى ياق! ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمگە ئايان [00:53.38]مەن شۇنداق ساراڭ گەپكە كۆنمەس توۋا دېگەش ھەم يەنە ياقاڭنى چىشلە [00:57.56]يالغاندىن رىشتە توپىغا يىلتىز تارتىپ زىمىندىن پەلەككە ئۈنگۈم يوق [01:01.30]قېلىپسىز بۇرادەر يېتەر مۇشۇ، ئەمدى قايتا قېلىپىڭغا كۆنگۈم يوق [01:05.38]ھاياتىم ئۈستىدە مەجبۇرلۇق ئازابىي ئىتۇتقا ئەمدى قايتا كۈلگۈم يوق [01:09.25]تەقسىملىق بىر مەيدان كىچىك ئۇيۇن بولسىمۇ تىراگىدىيە تۈسىدە قايتا ئۆلگۈم يوق [01:13.44]رىئالدىن قېچىشقا ئۇرۇندۇم، خىيالىم گۈزەللىك ئەلۋەك [01:17.03]ئەپسۇس يوقتۇر ھېچ كۆڭلۈمگە داۋالىق تەسكىن [01:20.89]يىقىلدىم ئويماندا يىقىلدىم بىشىمغا ئۇرۇلدى گىرۋەك [01:24.89]سۆز تامام يوقتۇر بىلسەڭ مەندىنمۇ بەتتەر مىسكن [01:28.86]رىئالدىن قېچىشقا ئۇرۇندۇم، خىيالىم گۈزەللىك ئەلۋەك [01:32.50]ئەپسۇس يوقتۇر ھېچ كۆڭلۈمگە داۋالىق تەسكىن [01:36.64]يىقىلدىم ئويماندا يىقىلدىم بىشىمغا ئۇرۇلدى گىرۋەك [01:39.27]سۆز تامام يوقتۇر بىلسەڭ مەندىنمۇ بەتتەر مىسكىن [01:44.17]مۆرەمگە سوقۇپ [01:44.95]كاللامغا نۇقۇپ [01:45.82]ئېغىز ئاشتى چوقۇپ [01:46.82]سەۋەنلىك توقۇپ [01:47.82]قىزارغان كۆزىدىن نېمە ئوي-خىيالى بار زادى كۆڭلۈم سېزىپ قالدى ئۇقۇپ [01:51.68]مېھىرلىك بېقىشنىڭ ئاستىدا يۇشۇرۇنغان تالايلىق زەھەرنى تۇيۇپمۇ قالدىم [01:55.39]ھەي... بولدى رىئالدىن قاچاي دەپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئۇيۇپمۇ قالدىم [01:59.36]چاڭ قونماس غۇبارسىز گۈزەل ھايات ئەسلىدىنلا شېخىل بۇنىسى ئېنىق [02:03.31]رەڭدىن تۆرەلگەن سۈئىيلىك ساپلىق ئەسلىدىنلا بېخىل گۇۋاھچىسى ئېغىر تىنىق [02:07.11]روشەن كۆزلەرمۇ ھەرگىز كۆرەلـمەيدۇ باش كۆزۈم ئاق كېپەندە تېڭىق [02:10.70]مەڭزىمدىن سىرغىپ چۈشكەن ھەربىر تامچەم قىپقىزىل رەڭدىنمۇ خېلىلا قېنىق [02:14.71]ئاتامدىن باشقا تالاي ئەركەكتىن ئوغۇلبالادارچىلىق كۆرۈپ باقمىدىم [02:18.33]ئانامدىن باشقا يات جېنىستىن مېھىرلەر ئىستەپ ھەم يۈرەككە ياقمىدىم [02:22.41]باشقىلارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە چۆكۈپ ھەم ھوزۇرلۇق ئاقمىدىم [02:26.15]قولۇمدىن كېلىشى شۇ بولدى مىسكىننى دەپ ھەم تېمىمغا گېلەممۇ قاقمىدىم [02:30.24]ئەسلى رېتىمىمنى بويلاپ مېڭىشتن تەپ تارتىش ئەمەس ماڭا نىزام [02:33.84]سەۋەب شۇكى نورمال ماڭغىنىمغا قونچۇمنى باستى لىق چاڭ-توزان [02:37.51]تۇرقۇمدىنلا پۇلى يوق تۇرسام [02:39.65]نېمىشقا چېقىلىدۇ ئالتۇن يوق كوزام [02:41.78]ۋۇجۇدۇم ئىچىدىن ئاھ ئۇرسام [02:43.54]يات بىرسى باغرىغا باسامدۇ دەپ جېنىم قوزام [02:45.76]رىئالدىن قېچىشقا ئۇرۇندۇم، خىيالىم گۈزەللىك ئەلۋەك [02:49.33]ئەپسۇس يوقتۇر ھېچ كۆڭلۈمگە داۋالىق تەسكن [02:53.12]يىقىلدىم ئويماندا يىقىلدىم بىشىمغا ئۇرۇلدى گىرۋەك [02:57.33]سۆز تامام يوقتۇر بىلسەڭ مەندىنمۇ بەتتەر مىسكىن [03:01.02]رىئالدىن قېچىشقا ئۇرۇندۇم، خىيالىم گۈزەللىك ئەلۋەك [03:04.63]ئەپسۇس يوقتۇر ھېچ كۆڭلۈمگە داۋالىق تەسكىن [03:08.48]يىقىلدىم ئويماندا يىقىلدىم بىشىمغا ئۇرۇلدى گىرۋەك [03:12.24]سۆز تامام يوقتۇر بىلسەڭ مەندىنمۇ بەتتەر مىسكىن [03:18.08]