作词 : aj 作曲 : aj قار مەلىكە ھاجى مۇختەر بوغرا 1.كۇبلىت : ئاق قۇچقاچتەك ماڭىدۇ، قار ئۇسىتىدە قاردەك قىز. يالغۇز شاختا سايرايدۇ، قار ئۇستىدە تاردەك قىز. قار لەيلىسى قار مەلىكە، بەلكىم ئۇ بىر پەرىشتە. كېلەر ئاتلىق شاھزادە، مەخپىي ئىغىر رەۋىشتە. 1.ئۆتۈشمە : جىلۋە قىلار يىراقتىن، قار دوۋىسى ياكى بەدەن، ئاق توشقان دەپ شۇزامان، ئوق ئۇزەر ئوقيا بىلەن. 2.ئۆتۈشمە : قىزدىن ئامەت قاچار، ئوق دەل يۈرەككە پاتار، شاھزادە پۇشايمانغا قالار. مەلىكىنى يۆگەشكە، ئاپپاق كىگىز تاپار، ئاندىن سەرەڭگىنى ياقار، قايتارما : مەلىكە، قار مەلىكە. مەلىكە، قار مەلىكە. 3.ئۆتۈشمە : قار ئۈستىدە يارىدار قىز، قان چىچىكى چېچىلار. ئوۋدىن قايىتقان شاھزادە، گويا نۇردەك ئېتىلار. ئورار مەلىكىنى شاھزادە، قاردەك ئاپپاق كىگىزگە شۇئان. لىكىن تۇرۇپ قالدى داڭقىتىپ، كىگىزدىمۇ قىزىل قان. 4.ئۆتۈشمە : قارقىز ھۇشسىز ياتار، يىگىت دەرىتكە پاتار، ياشلىرى قار بولۇپ ياغار. قىزنى باغرىغا باسار، توۋلار،چوقان سالار، قار دالا قان بولۇپ ئاقار. قايتارما : مەلىكە، قار مەلىكە. مەلىكە، قار مەلىكە.