Meptun - Ablajan Awut Ayup 作词 : Ablajan Awut Ayup 作曲 : Ablajan Awut Ayup مەپتۇن ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ قايتارما : مەپتۇن، ساڭا بولدۇم نېمانچىلا مەپتۇن. مەجنۇن، مەن سىنىڭ ئىشقىڭدا بىر مەجنۇن 1-كۇبلىت : كۆزى خۇمار قاراقاش، ئىشى تولا ئالدىراش. بەكمۇ قىيىن كۆرۈشكەندە، ماڭا كۈلۈپ بىر قاراش. سېغىنغاندا مەن ئۇنى، ئىلىنماس تېلېفۇنى. تالىشىدۇ ئۇنى مەندىن، يىگىتلەرنىڭ نۇرغۇنى. 1-ئۆتۈشمە : ئۇ يۈرىيدۇ بىپەرۋا، ھەممىدىن بولۇپ خاپا. سۆيگۈ سورىسام ئۇنىڭدىن، ماڭا سالدى جاپا. يۈردۈم قىلىپ تەما، ساڭا قىلىپ دەۋا. قۇبۇل ئەتكىن سۆيگۈمنى سەن، كۆڭلۈمنى كۆرۈپ رەۋا. 2-كۇبلىت: خىيالىمدىن كەتمەيدۇ، ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ. دەرىت يۈتۈپ يۈرسەم ئىشىقىدا، ھالىمغا يەتمەيدۇ. قاچۇرىدۇ ئۆزىنى، كۆرسەتمەستىن يۈزىنى. ئۇچۇرۇمنى قايتۇرماس، ئاياپ ھەتتاكى سۆزىنى. 2-ئۆتۈشمە : بۇ دىگەن ئۆتنە ئالەم، ئىگەمگە يىتەر نالەم. يۈرىسەن پات يىقىندا سەن، مىنى ئاتاپ شاھزادەم. قىلمىغىن تۈزۈت، يالغانلاردىن سۈكۈت. ئىگىلگەنگە ئىگىل دەپ، چوڭلاردىن قالغان ئۈگۈت.