Yamghur 作词 : YOUNG-BIG 作曲 : YOUNG-BIG Yamghur HOOK:(YOUNG-BIG) يامغۇر سۈيى ئەسلەتتى بىللە يۈرگەن شۇ كۈنلەرنى ھەم پەقەتلا ئۇنتالمايمەن قول تۇتۇشقان شۇ تۈنلەرنى يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ تۇرۇپ دىيەلەيتىم سەن مىنىڭكى مىنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ ئازاپتا قويدۇڭ يۈرۈگۈمنى *2 VERSE1(VENOM-ER) ئىسىمدە بىر كۈنى ئولتۇراتتىم ، شارقىراپ ياغقانتىي شۇ يامغۇر ئويلىدىم نېمانداق رەھىمسىز دۇنيا ئازابنى تارتتىمۇ يالغۇز رەھىمسىز دۇنيا ، رەھىمسىز تەقدىر ئايرىماقچى بولدى ئۇنىڭدىن ، قارا باستى ، ئوڭۇممۇ بىلەلمىدىم ، چۆچۈپ ئويغاندىم چۈشۈمدىن بۇ دۇنيا راستتىنلا باقمايدىكەن ، ئويلىغان شۇ رايىمىزغا نېمە ئىشقا يېتەي دەپ يېتەلمەيمىز ، يەتكىمىز بار نىشانىمىزغا شۇنچە تىرىشتىم ، لېكىن يەنە بارالمىدىم ، ئىللىق جايىمغا ئەسلى ھەممىسى بۇرۇنلا پۈتۈلگەن ئىكەن ، ئاشۇ شور پىشانىمىزغا بۇرۇن دېگەنتىم مەن ساڭا ياخشى كۆرگەنتىم ، بىر كۆرگەندە سەن دائىملا ماڭا دەيتىڭ ئامراق تەبىئىي كۈلكەڭگە ئايرىلدىم سېنىڭدىن ئايرىلىپ ھەممىدىن.يۇقىدى ئاشۇ كۈلكەممۇ ھازىر راستىنلا بىلەلمىدىم ، مەن تېرىكمۇ ئۆلدۈڭمۇ؟ ئىزدىدىم ، ئىزدىدىم ، تاپالمىدىم ، مەن زادى قايسىنى قىلدىم خاتا ئۆتۈنەي جېنىم ، ئاتىغىنى ئۆزۈڭنى قايتىدىن پۇرسەت بەرگىن ماڭا ئىشەنگىن جېنىم خاتانى ئۆزگەرتىپ قايتىدىن تاپاي ، مەن ئۆزۈمنى بۇ قېتىم راستىنلا بەختىڭنى بېرەي ، ماڭىلا ئاتىغىن ئۆزۈڭنى HOOK:(YOUNG-BIG) يامغۇر سۈيى ئەسلەتتى بىللە يۈرگەن شۇ كۈنلەرنى ھەم پەقەتلا ئۇنتالمايمەن قول تۇتۇشقان شۇ تۈنلەرنى يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ تۇرۇپ دىيەلەيتىم سەن مىنىڭكى مىنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ ئازاپتا قويدۇڭ يۈرۈگۈمنى *2 VERSE2(YOUNG-BIG) يامغۇرلۇق كېچىدە ئەسلىدىم سېنى ئولتۇراتتىم يەنە يالغۇز بېرەلمىدى ھېچكىم ھېچكىمنى ھەمراھ بولغىنى شۇ يۇلتۇز ئازابتىن تارتتىم ئاچچىق ئىسنى كۆرۈندى كۆز ئالدىمدا پەقەتلا ھەمراھ بولالىدىڭ ، ھەر كۈنى سۈرگەن خىيالىمدا ئايرىلىش ئازابى قىينىدى ، مېنى ئىشەنمەس بولدۇم سۆيگۈگە ئەمدى شېرىن خىيال سۈرگەن كەلگۈسى گۈزەل ۋاقىتلار كەلمەسكە كەتتى يېنىمدا ھەر كۈنى ھەمراھى ئىدىڭ ، ئەمدىلىكتە ئۆچتى ئۈنۈڭ ھەر كۈنى ئۆزۈمگە تەسەللى ئىزدەپ ، ئازاب ئىچىدە ئۆتتى كۈنۈم