Seghindingmu / Скучаешь ли ты? 作词 : Saniyem Ismayi 作曲 : Saniyem Ismayi سېغىندىڭمۇ سانىيەم ئىسمايىل ئۇرغۇپ تېشىپ ئاققان ئىلى دەرياسىنى سازغا جۆر سايرىغان بۇلبۇل ناۋاسىنى ئۇرغۇپ تېشىپ ئاققان ئىلى دەرياسىنى سازغا جۆر سايرىغان بۇلبۇل ناۋاسىنى ئۆتكەن ئۆمۈر ئاتقان تاڭلار ساداسىنى مەن سېغىندىم خەلقىم سەنمۇ سېغىندىڭمۇ ئۆتكەن ئۆمۈر ئاتقان تاڭلار ساداسىنى مەن سېغىندىم خەلقىم سەنمۇ سېغىندىڭمۇ سېغىندىڭمۇ سېغىندىڭمۇ مەن سېغىندىم خەلقىم سەنمۇ سېغىندىڭمۇ …مۇزىكا… ئىلى سادىر غېنىلارنىڭ ماكانىدۇر ھېلاخۇندەك ھاپىزلارنىڭ بوستانىدۇر روزامكامدەك ھاپىزلارنىڭ بوستانىدۇر مەنمۇ ئۆتكەن ئىلى بويلاپ ناخشام بىلەن ئەي… ناخشام بىلەن مەنمۇ ئۆتكەن ئىلى بويلاپ ناخشام بىلەن مەن سېغىنغان شۇ دەملەرنى سېغىندىڭمۇ مەنمۇ ئۆتكەن ئىلى بويلاپ ناخشام بىلەن مەن سېغىنغان شۇ دەملەرنى سېغىندىڭمۇ سېغىندىڭمۇ سېغىندىڭمۇ مەن سېغىندىم خەلقىم سەنمۇ سېغىندىڭمۇ سېغىندىڭمۇ، ئاي… سېغىندىڭمۇ مەن سېغىندىم خەلقىم سەنمۇ سېغىندىڭمۇ ياخشىلاردىن ياخشىلىق مىراس بوپ قالۇر تالاشسىمۇ يامانلارنىڭ يالىسى قالۇر ياخشىلاردىن ياخشىلىق مىراس بوپ قالۇر تالاشسىمۇ يامانلارنىڭ يالىسى قالۇر دانالارنىڭ دانا سۆزى ئىزناسى قالۇر ئىجاتكارنىڭ ئىجادى سەھنىسى قالۇر دانالارنىڭ دانا سۆزى ئىزناسى قالۇر ئىجاتكارنىڭ ئىجادى ناخشىسى قالۇر سېغىندىڭمۇ سېغىندىڭمۇ مەن سېغىندىم خەلقىم سەنمۇ سېغىندىڭمۇ سېغىندىڭمۇ، ئاي… سېغىندىڭمۇ مەن سېغىندىم خەلقىم سەنمۇ سېغىندىڭمۇ مەن سېغىندىم خەلقىم سەنمۇ سېغىندىڭمۇ (تېكىست تەھرىرى: ئالىمجان)