作词 : AbdurusulObul 作曲 : AbdurusulObul ئوغۇل: مەن سىنى كۆرگەن شۇ كۈندىن بېرى، بارلىقىمنى ئاتىغان ساڭا. يۈرەكتە ئىشقى ئوتۇڭ ياندى، پاك سۆيگۈڭنى بىرەمسەن ماڭا. قىز : رەت قىلاي مەن قانداق سىنىڭ سۆيگۈڭنى، مەنمۇ ئوخشاش كۆيىمەن ساڭا. ئويلايمەن ۋاپادار يارىڭ بولۇشنى، ئۆتەلەمسەن سادىق بولۇپ ماڭا. ئوغۇل : ساڭا بولغان سۆيگۈم چىندۇر، ساداقىتىم ئوتلۇق يۈرەكتىدۇر. سىنى مەڭگۈ سۆيۈپ قەدرىلەپ ئۆتۈش، دىلىمدىكى ئارمانىمدۇر. ئوغۇل - قىز : ھايات سۆيگۈ بىلەن گۈزەل، سۆيگۈ مىھىر ـ ۋاپا بىلەن گۈزەل. سەن ماڭا، مەن ساڭا ۋاپادار بولساق، كەلگۈسىمىز بەختىمىز گۈزەل.